
techweb تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، تونۇشتۇرۇشىچە، بەشىنچى ئەۋلادiPhone نىڭ لايىھەلىنىشى iPhone 4 كە يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭغا 8 مىليون پىكسېللىق كامېر سەپلىنىدىكەن بولۇپ، SIM كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.
تېڭشۈن تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پەن-تېخنىكا بلوگى تور بېكىتى Macotakara دا بىر نامسىز تورداش مۇنداق دېگەن:«ئالما شىركىتى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا بەشىنچى ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلىدۇ». تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەشىنچى ئەۋلاد iPhone نىڭ لايىھەلىنىشى iPhone 4 كە يېقىنلىشىدىكەن. ئۇنىڭغا 8 مىليون پىكسېللىق كامېر سەپلەنگەن بولۇپ، SIM كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەشىنچى ئەۋلاد iPhone غا ARM Cortex-A9 قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە NASDAQ ئۆزىكى ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمما ھازىر بەشىنچى ئەۋلاد iPhone غا تاق يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ياكى قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقىنى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
بەشىنچى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئىچكى قىسمىغا 3-4 غىچە ئانتېننا سەپلەنگەن بولۇپ، بەلكىم بۇ «دۇنيا يانفونى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ياپونىيىنىڭ بىر گېزىتىگە 4-ئايلاردا بېسىلغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى ئاللىبۇرۇن تېخىمۇ يېنىك ۋە نېپىز iPhone ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن SAMPO نى تاللاپتۇ. ئالما شىركىتى 2012-يىلى ئەتىيازدا ئاتالمىش ‹iPhone 6› نى بازارغا سالىدىكەن.
Concord Securities نىڭ ئانالىزچىسى Ming-Chi Kuo بۇندىن بۇرۇن- يەنى 4-ئايلاردا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى:«يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone بىلەن ھازىرقى مەھسۇلات ئازراق ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلىنىدۇ». باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone بىرلا ۋاقىتتا GSM ۋە CDMA نى قوللايدىكەن.
ئامېرىكا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى Orange ئالدىنقى ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى:«ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone غا تېخىمۇ نېپىز ۋە كىچىك بولغان SIM كارتىسى لايىھىسىنى كىرگۈزدى». بۇلتۇر بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئالما شىركىتى قىستۇرما SIM لايىھىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. ئابونتلار iPhone دىن بىۋاسىتىلا كۆچمە تىجارەت شىركىتى ۋە مۇلازىمەت پىلانىنى تاللىيالايدىكەن. ئەمما كۆچمە تىجارەت شىركىتى چەتلىشىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
LED چاقماق لامپا لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكتىن، يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ رەسىم تارتىش سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.